Currently translated at 78.9% (94 of 119 strings) Translation: Trilium Notes/README Translate-URL: https://hosted.weblate.org/projects/trilium/readme/ug/
20 KiB
Vendored

Warp, built for coding with multiple AI agents
Available for macOS, Linux and Windows
Trilium Notes
Chinese (Simplified Han script) | Chinese (Traditional Han script) | English | French | German | Greek | Italian | Japanese | Romanian | Spanish
Trilium Notes بولسا ھەقسىز، ئوچۇق كودلۇق، سىستېما ھالقىغان، قاتلاملىق خاتىرە قالدۇرۇش ئەپى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى چوڭ تىپتىكى شەخسىي بىلىم ئامبىرى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
چۈشۈرۈش⏬
- ئەڭ يېڭى نۇسخىسى – مۇقىم نۇسخا، كۆپ ساندىكى ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
- كۈندىلىك قۇرۇلما – مۇقىم بولمىغان ئېچىش نۇسخىسى، ھەر كۈنى يېڭىلىنىدۇ، ئەڭ يېڭى ئىقتىدارلار ۋە تۈزىتىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھۆججەتلەر📚
بىزنىڭ تولۇق قوللانمىمىزنى كۆرۈڭ: docs.triliumnotes.org
بىزنىڭ قوللانمىمىزنىڭ بىر قانچە خىل شەكىلدىكى نۇسخىلىرى بار:
- تور قوللانمىسى:بىزنىڭ تولۇق قوللانمىمىزنى مۇشۇ شەكىلدە كۆرۈڭ: docs.triliumnotes.org
- پروگرامما ئىچىدىكى ياردەم: Trilium دا
F1نى باسسىڭىزلا، پروگرامما ئىچىدە ئوخشاش بىر قوللانمىنى بىۋاسىتە كۆرەلەيسىز - GitHub:بۇ ئامباردىكى ئابونت قوللانمىسىنى كۆرۈڭ
تېز ئۇلانمىلار
- ئابونت چۈشەندۈرۈشى
- قاچىلاش چۈشەندۈرۈشى
- Docker تەڭشەكلىرى
- TriliumNext نى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش
- ئاساسىي ئۇقۇملار ۋە ئالاھىدىلىكلەر
- شەخسىي بىلىم ئامبىرى ئەندىزىسى
🎁 ئىقتىدارلار
- خاتىرىلەرنى ھەر قانداق چوڭقۇرلۇقتىكى دەرەخسىمان قۇرۇلمىغا تەشكىللەشكە بولىدۇ. بىرلا خاتىرىنى دەرەخنىڭ كۆپلىگەن ئورنىغا قويۇشقا بولىدۇ (خاتىرىنى كۆپەيتىش/كلونلاش غا قاراڭ)
- تۆت تەرەپتىن كۆرۈنىدىغان (WYSIWYG) بېيىتىلغان خاتىرە تەھرىرلىگۈچ، جەدۋەل، رەسىم ۋە ماتېماتىكىلىق فورمۇلانى قوللايدۇ، ھەمدە Markdown نىڭ ئاپتوماتىك فورماتىغا ئىگە
- پروگرامما كودى خاتىرىسىنى تەھرىرلەشنى قوللايدۇ، كود نۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
- خاتىرىلەر ئارىسىدا تېز ۋە ئوڭاي يېتەكلەش، پۈتۈن تېكىستلىك ئىزدەش، ھەمدە خاتىرىگە فوكۇسلىنىش (hoisting)
- ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان خاتىرە نۇسخىسىنى باشقۇرۇش
- خاتىرە خاسلىقى خاتىرىلەرنى تەشكىللەش، سۈرۈشتۈرۈش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك scriptلەرگە ئىشلىتىلىدۇ
- UI ئىنگلىزچە، گېرمانچە، ئىسپانچە، فىرانسۇزچە، رۇمىنىيەچە ۋە خەنزۇچە تىللىرىدا تەمىنلىنىدۇ
- تېخىمۇ بىخەتەر كىرىش ئۈچۈن OpenID ۋە TOTP بىۋاسىتە بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن
- ئۆزى قۇرغان ماسقەدەملەش مۇلازىمىتىرى بىلەن ماسقەدەملەش
- خاتىرىنى ئىنتېرنېت تورىغا ھەمبەھرىلەش (ئاشكارە ئېلان قىلىش
- ھەر بىر خاتىرە بىرلىك قىلىنغان كۈچلۈك خاتىرە شىفىرلاش
- قولدا سىزىلغان/ئىزاھلىق رەسىم: Excalidraw غا ئاساسلانغان (خاتىرە تىپى «canvas»)
- خاتىرە ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇناسىۋەت خەرىتىسى ۋە خاتىرە/ئۇلانما خەرىتىسى
- تەپەككۇر خەرىتىسى: Mind Elixir غا ئاساسلانغان
- ئورۇن بەلگىلەش بەلگىسى ۋە GPX يۆنىلىش لىنىيىسى بولغان جۇغراپىيىلىك خەرىتە
- Script - ئىلغار كۆرسىتىشگە قاراڭ
- ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان REST API
- ئىشلىتىشچانلىقى ۋە ئۈنۈمى جەھەتتە ياخشى كېڭىيىشچانلىققا ئىگە، 100,000 دىن ئارتۇق خاتىرىنى قوللايدۇ
- يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېر ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇلغان كۆچمە تەرەپ
- ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان قېنىق رەڭلىك تېما
- Evernote دىن ئەكىرىش ۋە Markdown نى ئەكىرىش ھەم چىقىرىش
- توردىكى مەزمۇنلارنى تېز ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان Web Clipper
- ئىختىيارىي تەڭشىگىلى بولىدىغان UI (يان تىزىملىك كۇنۇپكىلىرى، ئىشلەتكۈچى ئۆزى بەلگىلىگەن كىچىك قوراللار قاتارلىقلار)
- Metrics ، شۇنداقلا Grafana كۆرسىتىش تاختىسى.
✨ تېخىمۇ كۆپ TriliumNext تېمىلىرى، قوليازما، قىستۇرما ۋە مەنبەلەرگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۈچىنچى تەرەپ مەنبەلىرى ياكى جەمئىيەتلىرىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ:
- awesome-trilium (ئۈچىنچى تەرەپ تېمىلىرى، قوليازمىلار، قىستۇرمىلار ۋە باشقىلار).
- TriliumRocks! (دەرسلىكلەر، يېتەكچىلەر ۋە باشقىلار).
⚠️ نېمە ئۈچۈن TriliumNext نى تاللايمىز؟
Trilium نىڭ ئەسلى ئىجادچىسى (Zadam) سېخىيلىق بىلەن Trilium كود ئامبىرىنى جەمئىيەت تۈرىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇ تۈر ھازىر مۇشۇ ئادرېستا ساقلىنىۋاتىدۇ: https://github.com/TriliumNext
⬆️ Trilium دىن كۆچۈرۈش؟
zadam/Trilium نۇسخىسىدىن TriliumNext/Notes غا كۆچۈش ئۈچۈن ئالاھىدە كۆچۈرۈش باسقۇچلىرى كېرەك ئەمەس. TriliumNext/Notes نى ئادەتتىكى ئۇسۇلدا قاچىلىسىڭىزلا(#-install)، ئۇ بىۋاسىتە ھازىرقى ساندانىڭىزنى ئىشلىتىدۇ.
v0.90.4 غىچە بولغان نەشرلىرى zadam/trilium نىڭ ئەڭ يېڭى v0.63.7 نەشرى بىلەن ماسلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى TriliumNext نەشرلىرىدە ماسقەدەملەش نەشر نومۇرى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، يۇقىرىقىلار بىلەن ماسلاشمايدۇ.
💬 بىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ
رەسمىي جەمئىيىتىمىزگە كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز. بىز سىزنىڭ ئىقتىدار، تەكلىپ ياكى مەسىلىلەر ھەققىدىكى پىكىرلىرىڭىزنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمىز!
- Matrix (ماسقەدەملىك مۇنازىرە)
GeneralMatrix ئۆيىمۇ XMPP غا ئۇلانغان
- GitHub Discussions (ئاسىنكرون مۇنازىرە).
- GitHub Issues (خاتالىق مەلۇم قىلىش ۋە ئىقتىدار ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا قويۇش).
🏗 قاچىلاش
Windows / MacOS
ئەڭ يېڭى نەشرى بېتىدىن
سۇپىڭىزغا ماس كېلىدىغان سىستېما ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ، پرېستىن يەشكەندىن كېيىن
trilium ئىجرا ھۆججىتىنى قوزغىتىڭ.)
Linux
ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان نەشرى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە بولسا، شۇ نەشرىنىڭ يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى ئىشلىتىڭ.
سىز يەنە ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان بەتتىن مۇناسىپ سۇپىنىڭ سىستېما ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ، پرېستىن يېشىپ بولغاندىن كېيىن trilium ئىجرا ھۆججىتىنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
TriliumNext يەنە Flatpak نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما تېخى FlatHub غا چىقىرىلمىدى.
Browser (any OS)
ئەگەر سىزدە (تۆۋەندىكىدەك) مۇلازىمىتىر قاچىلانمىسى بولسا، تور كۆرۈنمە يۈزىنى بىۋاسىتە ساقىلالايسىز (ئۇ بىر تەرەپ قىلغۇچ دېتالى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش)
نۆۋەتتە پەقەت Chrome ۋە Firefox نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنىلا قوللايدۇ (ھەمدە ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكەن).
Mobile
ئەگەر كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە TriliumNext نى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، كۆچمە كۆرگۈچ ئارقىلىق مۇلازىمىتىرغا قاچىلانغان كۆچمە نۇسخا كۆرۈنمە يۈزىنى زىيارەت قىلالايسىز (تۆۋەنگە قاراڭ).
كۆچمە دېتال قوللاشقا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن، https://github.com/TriliumNext/Trilium/issues/4962 مەسىلە بېتىگە قاراڭ.
ئەگەر سىز ئەسلى Android دېتالىنى ئىشلىتىشكە ئامراق بولسىڭىز، TriliumDroid نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلە ياكى كەم بولغان ئىقتىدارلارنى مەلۇم قىلماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ ئامبىرى غا مەرھەمەت.
Server
ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ مۇلازىمىتىرىغا TriliumNext نى قاچىلىماقچى بولسىڭىز (Docker Hub دىن Docker ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مۇلازىمىتىر قاچىلاش ھۆججىتى گە ئەمەل قىلىڭ.
💻 تۆھپە قوشۇش
تەرجىمە
ئەگەر سىز شۇ تىلنىڭ ئىگىسى بولسىڭىز، بىزنىڭ Weblate بېتىمىزگە كىرىپ Trilium نىڭ تەرجىمە قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
تۆۋەندىكىسى نۆۋەتتىكى تىللارنىڭ قاپلىنىش ئەھۋالى:
پروگرامما كودى
ئامبارنى چۈشۈرۈڭ، pnpm ئارقىلىق بېقىندى زاپچاسلارنى قاچىلاڭ، ئاندىن
مۇلازىمىتىرنى قوزغىتىڭ (مۇلازىمەت ئادرېسى: http://localhost:8080):
git clone https://github.com/TriliumNext/Trilium.git
cd Trilium
pnpm install
pnpm run server:start
ھۆججەت
ئامبارنى چۈشۈرۈڭ، pnpm ئارقىلىق بېقىندى زاپچاسلارنى قاچىلاڭ، ئاندىن ھۆججەت
تەھرىرلەشكە ئېھتىياجلىق مۇھىتنى قوزغىتىڭ:
git clone https://github.com/TriliumNext/Trilium.git
cd Trilium
pnpm install
pnpm edit-docs:edit-docs
Building the Executable
ئامبارنى چۈشۈرۈڭ، pnpm ئارقىلىق بېقىندى زاپچاسلارنى قاچىلاڭ، ئاندىن Windows
ئۈچۈن ئۈستەلئۈستى ئەپىنى قۇرۇپ چىقىڭ:
git clone https://github.com/TriliumNext/Trilium.git
cd Trilium
pnpm install
pnpm run --filter desktop electron-forge:make --arch=x64 --platform=win32
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار ئۈچۈن تەتقىقات ھۆججەتگە قاراڭ.
تەتقىقاتچى ھۆججەتلىرى
تەپسىلاتلار ئۈچۈن ھۆججەت يېتەكچىسىگە قاراڭ. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ سوئاللىرىڭىز بولسا، ئۈستىدىكى "بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ" بۆلىكىدە تەمىنلەنگەن ئۇلىنىشلار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭنى قارشى ئالىمىز.
👏 مىننەتدارلىق
- ئەپنىڭ ئەسلى ئۇقۇم لاھىيەسى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان zadam.
- ئەپ سىنبەلگىسىنى لاھىيەلىگەن Sarah Hussein.
- خەلقئارالاشتۇرۇش خىزمىتىگە تۆھپە قوشقان nriver.
- Canvas جەھەتتىكى ئەسلى ئىجادىي خىزمەتلىرى ئۈچۈن Thomas Frei.
- ئەسلى گرامماتىكا گەۋدىلەندۈرۈش كىچىك زاپچاسلارنى ئاپتورى antoniotejada.
- GitHub مەسىلىلىرى ۋە مۇنازىرىلىرىگە ئاپتوماتىك جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن تەمىنلىگەن Dosu.
- Tabler Icons for the system tray icons.
Trilium would not be possible without the technologies behind it:
- CKEditor 5 - the visual editor behind text notes. We are grateful for being offered a set of the premium features.
- CodeMirror - code editor with support for huge amount of languages.
- Excalidraw - the infinite whiteboard used in Canvas notes.
- Mind Elixir - providing the mind map functionality.
- Leaflet - for rendering geographical maps.
- Tabulator - for the interactive table used in collections.
- FancyTree - feature-rich tree library without real competition.
- jsPlumb - visual connectivity library. Used in relation maps and link maps
🤝 Support
Trilium is built and maintained with hundreds of hours of work. Your support keeps it open-source, improves features, and covers costs such as hosting.
Consider supporting the main developer (eliandoran) of the application via:
🔑 License
Copyright 2017-2025 zadam, Elian Doran, and other contributors
This program is free software: you can redistribute it and/or modify it under the terms of the GNU Affero General Public License as published by the Free Software Foundation, either version 3 of the License, or (at your option) any later version.