Special thanks to:
Warp sponsorship
Warp, built for coding with multiple AI agents
Available for macOS, Linux and Windows

# Trilium Notes ![GitHub Sponsors](https://img.shields.io/github/sponsors/eliandoran) ![LiberaPay patrons](https://img.shields.io/liberapay/patrons/ElianDoran)\ ![Docker Pulls](https://img.shields.io/docker/pulls/triliumnext/trilium) ![GitHub Downloads (بارلىق ماتېرىياللار، بارلىق تارىخىي نۇسخىلار)](https://img.shields.io/github/downloads/triliumnext/trilium/total)\ [![RelativeCI](https://badges.relative-ci.com/badges/Di5q7dz9daNDZ9UXi0Bp?branch=develop)](https://app.relative-ci.com/projects/Di5q7dz9daNDZ9UXi0Bp) [![تەرجىمە قىلىنىش ئەھۋالى](https://hosted.weblate.org/widget/trilium/svg-badge.svg)](https://hosted.weblate.org/engage/trilium/) [Chinese (Simplified Han script)](./README-ZH_CN.md) | [Chinese (Traditional Han script)](./README-ZH_TW.md) | [English](../README.md) | [French](./README-fr.md) | [German](./README-de.md) | [Greek](./README-el.md) | [Italian](./README-it.md) | [Japanese](./README-ja.md) | [Romanian](./README-ro.md) | [Spanish](./README-es.md) Trilium Notes بولسا ھەقسىز، ئوچۇق كودلۇق، سىستېما ھالقىغان، قاتلاملىق خاتىرە قالدۇرۇش ئەپى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى چوڭ تىپتىكى شەخسىي بىلىم ئامبىرى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. Trilium Screenshot ## چۈشۈرۈش⏬ - [ئەڭ يېڭى نۇسخىسى](https://github.com/TriliumNext/Trilium/releases/latest) – مۇقىم نۇسخا، كۆپ ساندىكى ئابونتلارنىڭ ئىشلىتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. - [كۈندىلىك قۇرۇلما](https://github.com/TriliumNext/Trilium/releases/tag/nightly) – مۇقىم بولمىغان ئېچىش نۇسخىسى، ھەر كۈنى يېڭىلىنىدۇ، ئەڭ يېڭى ئىقتىدارلار ۋە تۈزىتىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ## ھۆججەتلەر📚 بىزنىڭ تولۇق قوللانمىمىزنى كۆرۈڭ: [docs.triliumnotes.org](https://docs.triliumnotes.org/) بىزنىڭ قوللانمىمىزنىڭ بىر قانچە خىل شەكىلدىكى نۇسخىلىرى بار: - **تور قوللانمىسى**:بىزنىڭ تولۇق قوللانمىمىزنى مۇشۇ شەكىلدە كۆرۈڭ: [docs.triliumnotes.org](https://docs.triliumnotes.org/) - **پروگرامما ئىچىدىكى ياردەم**: Trilium دا` F1` نى باسسىڭىزلا، پروگرامما ئىچىدە ئوخشاش بىر قوللانمىنى بىۋاسىتە كۆرەلەيسىز - **GitHub**:بۇ ئامباردىكى [ئابونت قوللانمىسىنى](./User%20Guide/User%20Guide/) كۆرۈڭ ### تېز ئۇلانمىلار - [ئابونت چۈشەندۈرۈشى](https://docs.triliumnotes.org/) - [قاچىلاش چۈشەندۈرۈشى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup) - [Docker تەڭشەكلىرى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/server/installation/docker) - [TriliumNext نى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/upgrading) - [ئاساسىي ئۇقۇملار ۋە ئالاھىدىلىكلەر](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/notes) - [شەخسىي بىلىم ئامبىرى ئەندىزىسى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/misc/patterns-of-personal-knowledge) ## 🎁 ئىقتىدارلار * خاتىرىلەرنى ھەر قانداق چوڭقۇرلۇقتىكى دەرەخسىمان قۇرۇلمىغا تەشكىللەشكە بولىدۇ. بىرلا خاتىرىنى دەرەخنىڭ كۆپلىگەن ئورنىغا قويۇشقا بولىدۇ ([خاتىرىنى كۆپەيتىش/كلونلاش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/notes/cloning) غا قاراڭ) * تۆت تەرەپتىن كۆرۈنىدىغان (WYSIWYG) بېيىتىلغان خاتىرە تەھرىرلىگۈچ، جەدۋەل، رەسىم ۋە [ماتېماتىكىلىق فورمۇلا](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/note-types/text)نى قوللايدۇ، ھەمدە Markdown نىڭ [ئاپتوماتىك فورماتى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/note-types/text/markdown-formatting)غا ئىگە * [پروگرامما كودى خاتىرىسى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/note-types/code)نى تەھرىرلەشنى قوللايدۇ، كود نۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ * خاتىرىلەر ئارىسىدا تېز ۋە ئوڭاي [يېتەكلەش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/navigation/note-navigation)، پۈتۈن تېكىستلىك ئىزدەش، ھەمدە [خاتىرىگە فوكۇسلىنىش (hoisting)](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/navigation/note-hoisting) * ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان [خاتىرە نۇسخىسىنى باشقۇرۇش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/notes/note-revisions) * خاتىرە [خاسلىقى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/advanced-usage/attributes) خاتىرىلەرنى تەشكىللەش، سۈرۈشتۈرۈش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك [script](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/scripts)لەرگە ئىشلىتىلىدۇ * UI ئىنگلىزچە، گېرمانچە، ئىسپانچە، فىرانسۇزچە، رۇمىنىيەچە ۋە خەنزۇچە تىللىرىدا تەمىنلىنىدۇ * تېخىمۇ بىخەتەر كىرىش ئۈچۈن [OpenID ۋە TOTP](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/server/mfa) بىۋاسىتە بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن * ئۆزى قۇرغان ماسقەدەملەش مۇلازىمىتىرى بىلەن [ماسقەدەملەش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/synchronization) * [ماسقەدەملەش مۇلازىمىتىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/server/cloud-hosting) بار * خاتىرىنى ئىنتېرنېت تورىغا [ھەمبەھرىلەش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/advanced-usage/sharing) (ئاشكارە ئېلان قىلىش * ھەر بىر خاتىرە بىرلىك قىلىنغان كۈچلۈك [خاتىرە شىفىرلاش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/notes/protected-notes) * قولدا سىزىلغان/ئىزاھلىق رەسىم: [Excalidraw](https://excalidraw.com/) غا ئاساسلانغان (خاتىرە تىپى «canvas») * خاتىرە ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان [مۇناسىۋەت خەرىتىسى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/note-types/relation-map) ۋە [خاتىرە/ئۇلانما خەرىتىسى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/note-types/note-map) * تەپەككۇر خەرىتىسى: [Mind Elixir](https://docs.mind-elixir.com/) غا ئاساسلانغان * ئورۇن بەلگىلەش بەلگىسى ۋە GPX يۆنىلىش لىنىيىسى بولغان [جۇغراپىيىلىك خەرىتە](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/collections/geomap) * [Script](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/scripts) - [ئىلغار كۆرسىتىش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/advanced-usage/advanced-showcases)گە قاراڭ * ئاپتوماتلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان [REST API](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/advanced-usage/etapi) * ئىشلىتىشچانلىقى ۋە ئۈنۈمى جەھەتتە ياخشى كېڭىيىشچانلىققا ئىگە، 100,000 دىن ئارتۇق خاتىرىنى قوللايدۇ * يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېر ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇلغان [كۆچمە تەرەپ](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/mobile-frontend) * ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان [قېنىق رەڭلىك تېما](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/themes) * [Evernote دىن ئەكىرىش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/import-export/evernote) ۋە [Markdown نى ئەكىرىش ھەم چىقىرىش](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/concepts/import-export/markdown) * توردىكى مەزمۇنلارنى تېز ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان [Web Clipper](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/web-clipper) * ئىختىيارىي تەڭشىگىلى بولىدىغان UI (يان تىزىملىك كۇنۇپكىلىرى، ئىشلەتكۈچى ئۆزى بەلگىلىگەن كىچىك قوراللار قاتارلىقلار) * [Metrics ](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/advanced-usage/metrics)، شۇنداقلا Grafana كۆرسىتىش تاختىسى. ✨ تېخىمۇ كۆپ TriliumNext تېمىلىرى، قوليازما، قىستۇرما ۋە مەنبەلەرگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئۈچىنچى تەرەپ مەنبەلىرى ياكى جەمئىيەتلىرىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ: - [awesome-trilium](https://github.com/Nriver/awesome-trilium) (ئۈچىنچى تەرەپ تېمىلىرى، قوليازمىلار، قىستۇرمىلار ۋە باشقىلار). - [TriliumRocks!](https://trilium.rocks/) (دەرسلىكلەر، يېتەكچىلەر ۋە باشقىلار). ## ⚠️ نېمە ئۈچۈن TriliumNext نى تاللايمىز؟ Trilium نىڭ ئەسلى ئىجادچىسى ([Zadam](https://github.com/zadam)) سېخىيلىق بىلەن Trilium كود ئامبىرىنى جەمئىيەت تۈرىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇ تۈر ھازىر مۇشۇ ئادرېستا ساقلىنىۋاتىدۇ: https://github.com/TriliumNext ### ⬆️ Trilium دىن كۆچۈرۈش؟ zadam/Trilium نۇسخىسىدىن TriliumNext/Notes غا كۆچۈش ئۈچۈن ئالاھىدە كۆچۈرۈش باسقۇچلىرى كېرەك ئەمەس. [TriliumNext/Notes نى ئادەتتىكى ئۇسۇلدا قاچىلىسىڭىزلا](#-installation)(#-install)، ئۇ بىۋاسىتە ھازىرقى ساندانىڭىزنى ئىشلىتىدۇ. [v0.90.4](https://github.com/TriliumNext/Trilium/releases/tag/v0.90.4) غىچە بولغان نەشرلىرى zadam/trilium نىڭ ئەڭ يېڭى [v0.63.7](https://github.com/zadam/trilium/releases/tag/v0.63.7) نەشرى بىلەن ماسلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى TriliumNext نەشرلىرىدە ماسقەدەملەش نەشر نومۇرى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، يۇقىرىقىلار بىلەن ماسلاشمايدۇ. ## 💬 بىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ رەسمىي جەمئىيىتىمىزگە كەلگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالىمىز. بىز سىزنىڭ ئىقتىدار، تەكلىپ ياكى مەسىلىلەر ھەققىدىكى پىكىرلىرىڭىزنى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىمىز! - [Matrix](https://matrix.to/#/#triliumnext:matrix.org) (ماسقەدەملىك مۇنازىرە) - `General `Matrix ئۆيىمۇ [XMPP](xmpp:discuss@trilium.thisgreat.party?join) غا ئۇلانغان - [GitHub Discussions](https://github.com/TriliumNext/Trilium/discussions) (ئاسىنكرون مۇنازىرە). - [GitHub Issues](https://github.com/TriliumNext/Trilium/issues) (خاتالىق مەلۇم قىلىش ۋە ئىقتىدار ئېھتىياجىنى ئوتتۇرىغا قويۇش). ## 🏗 قاچىلاش ### Windows / MacOS [ئەڭ يېڭى نەشرى بېتى](https://github.com/TriliumNext/Trilium/releases/latest)دىن سۇپىڭىزغا ماس كېلىدىغان سىستېما ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ، پرېستىن يەشكەندىن كېيىن `trilium` ئىجرا ھۆججىتىنى قوزغىتىڭ.) ### Linux ئەگەر سىز ئىشلىتىۋاتقان نەشرى تۆۋەندىكى جەدۋەلدە بولسا، شۇ نەشرىنىڭ يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى ئىشلىتىڭ. [![بوغچىلاش ھالىتى](https://repology.org/badge/vertical-allrepos/triliumnext.svg)](https://repology.org/project/triliumnext/versions) سىز يەنە [ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان بەت](https://github.com/TriliumNext/Trilium/releases/latest)تىن مۇناسىپ سۇپىنىڭ سىستېما ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ، پرېستىن يېشىپ بولغاندىن كېيىن trilium ئىجرا ھۆججىتىنى قوزغاتسىڭىز بولىدۇ. TriliumNext يەنە Flatpak نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما تېخى FlatHub غا چىقىرىلمىدى. ### Browser (ھەرقانداق مەشغۇلات سىستېمىسى) ئەگەر سىزدە (تۆۋەندىكىدەك) مۇلازىمىتىر قاچىلانمىسى بولسا، تور كۆرۈنمە يۈزىنى بىۋاسىتە ساقىلالايسىز (ئۇ بىر تەرەپ قىلغۇچ دېتالى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش) نۆۋەتتە پەقەت Chrome ۋە Firefox نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنىلا قوللايدۇ (ھەمدە ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكەن). ### كۆچمە ئۈسكۈنە ئەگەر كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە TriliumNext نى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، كۆچمە كۆرگۈچ ئارقىلىق مۇلازىمىتىرغا قاچىلانغان كۆچمە نۇسخا كۆرۈنمە يۈزىنى زىيارەت قىلالايسىز (تۆۋەنگە قاراڭ). كۆچمە دېتال قوللاشقا ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئۈچۈن، https://github.com/TriliumNext/Trilium/issues/4962 مەسىلە بېتىگە قاراڭ. ئەگەر سىز ئەسلى Android دېتالىنى ئىشلىتىشكە ئامراق بولسىڭىز، [TriliumDroid](https://apt.izzysoft.de/fdroid/index/apk/eu.fliegendewurst.triliumdroid) نى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. مەسىلە ياكى كەم بولغان ئىقتىدارلارنى مەلۇم قىلماقچى بولسىڭىز، [ئۇنىڭ ئامبىرى](https://github.com/FliegendeWurst/TriliumDroid) غا مەرھەمەت. ### Server ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ مۇلازىمىتىرىغا TriliumNext نى قاچىلىماقچى بولسىڭىز ([Docker Hub](https://hub.docker.com/r/triliumnext/trilium) دىن Docker ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، [مۇلازىمىتىر قاچىلاش ھۆججىتى](https://docs.triliumnotes.org/user-guide/setup/server) گە ئەمەل قىلىڭ. ## 💻 تۆھپە قوشۇش ### تەرجىمە ئەگەر سىز شۇ تىلنىڭ ئىگىسى بولسىڭىز، بىزنىڭ [Weblate بېتىمىز](https://hosted.weblate.org/engage/trilium/)گە كىرىپ Trilium نىڭ تەرجىمە قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. تۆۋەندىكىسى نۆۋەتتىكى تىللارنىڭ قاپلىنىش ئەھۋالى: [![تەرجىمە ئەھۋالى](https://hosted.weblate.org/widget/trilium/multi-auto.svg)](https://hosted.weblate.org/engage/trilium/) ### پروگرامما كودى ئامبارنى چۈشۈرۈڭ، `pnpm` ئارقىلىق بېقىندى زاپچاسلارنى قاچىلاڭ، ئاندىن مۇلازىمىتىرنى قوزغىتىڭ (مۇلازىمەت ئادرېسى: http://localhost:8080): ```shell git clone https://github.com/TriliumNext/Trilium.git cd Trilium pnpm install pnpm run server:start ``` ### ھۆججەت ئامبارنى چۈشۈرۈڭ، `pnpm` ئارقىلىق بېقىندى زاپچاسلارنى قاچىلاڭ، ئاندىن ھۆججەت تەھرىرلەشكە ئېھتىياجلىق مۇھىتنى قوزغىتىڭ: ```shell git clone https://github.com/TriliumNext/Trilium.git cd Trilium pnpm install pnpm edit-docs:edit-docs ``` ### ئىجرا قىلىنىدىغان ھۆججەتنى قۇرۇش ئامبارنى چۈشۈرۈڭ، `pnpm` ئارقىلىق بېقىندى زاپچاسلارنى قاچىلاڭ، ئاندىن Windows ئۈچۈن ئۈستەلئۈستى ئەپىنى قۇرۇپ چىقىڭ: ```shell git clone https://github.com/TriliumNext/Trilium.git cd Trilium pnpm install pnpm run --filter desktop electron-forge:make --arch=x64 --platform=win32 ``` تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلار ئۈچۈن [تەتقىقات ھۆججەت](https://github.com/TriliumNext/Trilium/tree/main/docs/Developer%20Guide/Developer%20Guide)گە قاراڭ. ### تەتقىقاتچى ھۆججەتلىرى تەپسىلاتلار ئۈچۈن [ھۆججەت يېتەكچىسى](https://github.com/TriliumNext/Trilium/blob/main/docs/Developer%20Guide/Developer%20Guide/Environment%20Setup.md)گە قاراڭ. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ سوئاللىرىڭىز بولسا، ئۈستىدىكى "بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ" بۆلىكىدە تەمىنلەنگەن ئۇلىنىشلار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭنى قارشى ئالىمىز. ## 👏 مىننەتدارلىق * ئەپنىڭ ئەسلى ئۇقۇم لاھىيەسى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان [zadam](https://github.com/zadam). * ئەپ سىنبەلگىسىنى لاھىيەلىگەن [Sarah Hussein](https://github.com/Sarah-Hussein). * خەلقئارالاشتۇرۇش خىزمىتىگە تۆھپە قوشقان [nriver](https://github.com/nriver). * Canvas جەھەتتىكى ئەسلى ئىجادىي خىزمەتلىرى ئۈچۈن [Thomas Frei](https://github.com/thfrei). * ئەسلى گرامماتىكا گەۋدىلەندۈرۈش كىچىك زاپچاسلارنى ئاپتورى [antoniotejada](https://github.com/nriver). * GitHub مەسىلىلىرى ۋە مۇنازىرىلىرىگە ئاپتوماتىك جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن تەمىنلىگەن [Dosu](https://dosu.dev/). * سىستېما تەخسىسى سىنبەلگىسى ئۈچۈن [Tabler Icons](https://tabler.io/icons) ئىشلىتىلدى. ئارقا سەپتىكى تېخنىكىلارنىڭ قوللىشى بولمىسا، Trilium تۈرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايتتى: * [CKEditor 5](https://github.com/ckeditor/ckeditor5) —— تېكىستلىك خاتىرىلەرنىڭ ئارقا سىپىدىكى كۆرۈنۈشچان تەھرىرلىگۈچ. بىز بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىمىزدىن تولىمۇ مىننەتدارمىز. * [CodeMirror](https://github.com/codemirror/CodeMirror) —— كۆپلىگەن پروگرامما تىللىرىنى قوللايدىغان كود تەھرىرلىگۈچ. * [Excalidraw](https://github.com/excalidraw/excalidraw) —— (Canvas) خاتىرىسىدە ئىشلىتىلىدىغان چەكسىز ئاق دوسكا. * [Mind Elixir](https://github.com/SSShooter/mind-elixir-core) —— تەپەككۇر خەرىتىسى ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. * [Leaflet](https://github.com/Leaflet/Leaflet) —— جۇغراپىيەلىك خەرىتىلەرنى تەسۋىرلەش (Render) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. * [Tabulator](https://github.com/olifolkerd/tabulator) —— توپلاملاردىكى ئۆزئارا تەسىرلىشىدىغان جەدۋەللەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. * [FancyTree](https://github.com/mar10/fancytree) —— ئىقتىدارى مول بولغان دەرەخسىمان كونترول كۇتۇپخانىسى، ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان باشقا بىر كۇتۇپخانا يوق. * [jsPlumb](https://github.com/jsplumb/jsplumb) —— كۆرۈنۈشچان ئۇلىنىش كۇتۇپخانىسى. مۇناسىۋەت خەرىتىسى (https://docs.triliumnotes.org/user-guide/note-types/relation-map) ۋە ئۇلىنىش خەرىتىسى (https://docs.triliumnotes.org/user-guide/advanced-usage/note-map#link-map) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ## 🤝 بىزنى قوللاش Trilium نى ئېچىش ۋە ئاسراشقا [يۈزلىگەن سائەت خىزمەت](https://github.com/TriliumNext/Trilium/graphs/commit-activity) سىڭدۈرۈلگەن. سىزنىڭ قوللىشىڭىز ئۇنىڭ ئوچۇق كودلۇق خاراكتېرىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئىقتىدارلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەمدە مۇلازىمېتىر تەننەرخى قاتارلىق چىقىملارنى قامدايدۇ. تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ ئەپنىڭ ئاساسلىق ئاچقۇچىسى ([eliandoran](https://github.com/eliandoran)) نى قوللاشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ: - [GitHub Sponsors](https://github.com/sponsors/eliandoran) - [PayPal](https://paypal.me/eliandoran) - [Buy Me a Coffee](https://buymeacoffee.com/eliandoran) ## 🔑 ئىجازەتنامە شەرتلىرى نەشر ھوقۇقى 2017–2025 zadam، Elian Doran ۋە باشقا تۆھپىكارلارغا تەۋە بۇ پىروگرامما ئەركىن يۇمشاق دېتال: سىز ئەركىن يۇمشاق دېتال فوندى جەمئىيىتى (Free Software Foundation) ئېلان قىلغان GNU Affero ئومۇمىي ئاممىۋى ئىجازەتنامىسى (GNU AGPL) نىڭ 3-نەشرى ياكى (تاللىشىڭىزغا ئاساسەن) ھەر قانداق كېيىنكى نەشرىنىڭ شەرتلىرىگە ئاساسەن، بۇ پىروگراممىنى قايتا تارقىتسىڭىز ياكى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.